ياخشى 123 تور بىكىتى !
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯜﻡ : ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ! بۈگۈن : http://www.yahxi123.com
باشبەت رەسىملەر ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم ئۇيغۇرچە دېتال يېشىل دېتال بىز كىم
خەۋەر مەركىزى قىززىق نوقتا تاللانغان mtv قىزىقارلىق تەرمىلەر ئەدەبىيات ئىزدەش
تاللانغان ئەسەرلەر كومپىيوتىر تور مەشھۇر شەخس تور ئۇيۇنلىرى تۇرمۇش مەسلىھەت قانۇن تۈزۈم mp3 قانىلى
 باش بەت
 خــەۋەر مـەركـىـزى
 تـاللانغان ئەسـەرلـەر
 گۈزەل سەنئەت
 يۇمشاق ماتىرياللار
 ناخشا ،MTV، كىنو
 MP3 قانىلى
 flash ئۇيۇنلار
خەتكۈچ :   رەسىم   MTV   كىنو   ناخشا   خەۋەر   ئۇيۇن   دېتال
  >> كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
كەچۈر گۈلۈم
تورداشلارغا خوش خەۋەر 
ياخشى 123 تور بىكىتى يېڭىلاندى !!
مەمەت ھەققىدە پاراڭ
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 –يىلى››ناملىق كى
ئاشىق
بىزنىڭ ناخشىمىز 
بەربات بولغان مۇھەببەت
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
  >> مۇناسىۋەتلىك ماقالە
· نۇر بەكرى ئۈرۈمچىدە شۋېتسارىيى
·پەرھاد شېرىن
·ئېلىمىزنىڭ مالايسىيىدە تۇرۇشلۇ
·سەكراتتىكى سۆيگۈ
·قېرى بالا
·ئاتۇش پەدىسى
·ئانام قۇنىخان دادام كارۋان
·ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ
·جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەم
·ئو ت م نى سىياسىيلاشتۇرۇش غەرب ئ
  >> تەۋىسىيە ماقالە
‹‹14–مارت››ۋەقەسىدە زىيانغا ئۇچرى
ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى 
خۇبېي ئۆلكىسىدە قاتناش ھادىسىس
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يارىل
قانۇن–بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپل
‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخى››نا
خەينەندە ئۆلكە قۇرۇلغانلىقىنىڭ
شىزاڭلىقلار پات ئارىدا چەتئەلل
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئ
لاسا ‹‹14–مارت››ۋەقەسىدىكى جىنايە
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز => ياخشى 123 تور ى ئۇنۋېرسال قانىلى => خــەۋەر مـەركـىـزى => مەمىلكەت خەۋىرى => مەزمۇن كۆرۈش
ۋېن جياباۋ تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى
ئاپتۇر : ياخشى 123 تورى    مەنبە : ياخشى 123 تورى    ئوقۇلىشى :    يوللانغان ۋاقىت : 2008- يىلى06- ئاينىڭ08- كۈنى
[خەت :چوڭ ئوتتۇرا كىچىكتەۋىسىيە  

 

   گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ، گوۋۇيۈەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋ 5 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە مىليونلىغان كىشلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد سېلىۋاتقان تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى .

     زۇڭلى ۋېن جياباۋ 13 كۈن بۇرۇن يەنى 22 – ماي يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سىچۈەنگە كېلىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە تاڭجياشەندىكى توسۇلما كۆلىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتكەن ھەمدە دەرھال يىغىن چاقىرىپ ، خەۋىپنى تۈگىتىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاكتىپلىق بىلەن ھەركەتكە كېلىپ ، ئىمكانقەدەر تېز بىر تەرەپ قىلىپ ، خەۋىپنى تۇگىتىش قۇرۇلۇش لايىھىسى ۋە ئاممىنى بىخەتەر رايونغا كۆچۈرۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، قىسىم ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك  قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى .

   يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ، ئازاتلىق ئارمىيىدىكى كوماندىر جەڭچىلەر ۋە سۇ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى زىچ ھەمكارلىشىپ ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق تاڭجىياشەن توسۇلما كۆل توسمىسىدا 400 مېتىر ئوزۇنلۇقتىكى ئېقىم باشلاش ئېرىقى قېزىپ چىققان . تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بىخەتەر جايغا يۆتكىۋېتىلگەن .

  ۋېن جياباۋ توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋىپنى تۈگىتىش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ بىللە كەلگەن يەرلىك ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا مۇنداق دېدى : تەپسىلى كۆزەتكەندىن كېيىن تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى ئەھۋالىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . بىراق قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ، بۇ كۆلنىڭ بىخەتەرلىككە سالىدىغان تەھدىدىنى ئىمكانقەدەر تېز بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . چۈنكى يۆتكىۋېتىلگەن ئامما ھازىر چېدىردا تۇرىۋاتقان بولۇپ ، ھاۋا كۈندىن – كۈنگە ئىسىۋاتىدۇ . ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بىز دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ .

       ۋېن جياباۋ تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى خەۋىپنى تۈگىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان قىسىمدىكى ئوفىسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ، ئىككىلەمچى گېئولوگىيىلىك ئاپەت ئاۋۋالقىدەكلا خەلقنىڭ ھاياتى ، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ تاڭجىياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ كىشلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە سالىدىغان تەھدىدى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ . خەۋىپنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى بىلەن خادىملارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش ئارقىلىق توسۇلما كۆلىنىڭ يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈگىتىش مەملىكىتىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش . توسۇلما كۆلنىڭ خەۋىپنى تۇگىتىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا ، بىرمۇ پۇقرانىڭ يارلىنىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ .

     ۋېن جىياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئەگەر يەر تەۋرەش ئاپىتى ساقلانغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەت بولسا ، ئۇنداقتا توسۇلما كۆلى خەۋپىنى تۇگىتىش ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز . توسۇلما كۆلىنىڭ يوشۇرۇن ئاپىتىنى بىر كۈندىلا تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، بىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىمىز تېخى تۈگىگىنى يوق . ۋېن جياباۋ يەنە ئازادلىق ئارمىيىدىكى كوماندىر– جەڭچىلەرنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يېڭى جېگىگە دەرھال ئاتلىنىپ ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى  .

 ۋېن جياباۋ مىيەنياڭ ئايرودرومىدا روسىيە ‹‹مى –26›› بەلگىلىك ئېغىر تىپلىق يۈك توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىكى خادىملارنى يوقلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : بىز مۇشكۈل ئەھۋالدا تۇرىۋاتقاندا روسىيە ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش ، داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ ، بىز بىلەن بىرگە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق ئىشلەپ ، بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى . بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى توسۇلما كۆلىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىش جەريانىدا ئېغىر تىپلىق يۈك توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتتى . بىز روسىيە ھۆكۈمىتىگە ، روسىيە خەلقىگە ، شۇنداقلا روسىيىلىك ئۇچقۇچى خادىم ۋە بىز بىلەن بىرگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جېڭىگە ئاتلانغان روسىيىلىك دوستلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز .

     سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، روسىيە سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا دەرھال ‹‹مى –26›› بەلگىلىك ئېغىر تىپلىق يۈك توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئاۋەتكەن بولۇپ ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىش خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەم بېرىپ ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ خەۋپىنى تۇگىتىش قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك بولغان ئېغىر تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇشتەك مۇشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانىدى .

      كەچ سائەت 8 دە ، گوۋۇيۈەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شىتابى پويىزدا يىغىن ئېچىپ ، مەخسۇس تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى مەسلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى . ۋېن جياباۋ ئالدى بىلەن بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۇردى . ئۇ مۇنداق دېدى : ھازىر تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشتا كىلىمات ، قالدۇق يەر تەۋرەش ، توغان قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت . بىز ئاۋاللىقىدەكدا بىخەتەرلىك ، پەن – تېخنىكا ، سۈرئەت تېز بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ پىرىنسىپتا  قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ، ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىپ ، خەتەرلىك يۇشۇرۇن ئامىللارنى ئىمكانقەدەر تېز  تۇگىتىشىمىز كېرەك . بۇ مەسىلە ھەل بولمىسا ، خەلقنىڭ كۆڭلى ھەرگىز ئەمىن تاپمايدۇ ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگىمۇ تەىسر يەتكۈزىدۇ . سۇچىلىق تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت زىچ ھەمكارلىشىپ ، كۈزىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزىمىنى كۈچەيتىپ ، خەۋپنى تۈگىتىش قۇرۇلۇشى لايىھىسى ۋە خادىملارنى بىخەتەر يۆتكەش لايىھىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئېلىپ بېرىش لازىم .

خەتكۈچ : mtv خەۋەر
بىز كىم ؟ | ئەسەر يوللاڭ | ئېلان مۇلازىمىتى | نەشىر ئىزاھاتى | دوستانە ئۇلىنىش
نەشىر ئۇچۇرى : Copyright © 2007-2010 yahxi123.comB All Rights Reserved
备案中...
بىكىتىمىزنىڭ تۇغى