5–ماي ، ھىندىستاننىڭ شاڭخەيدىكى ئەلچىخانىسىدىن كېيىنكى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئىككىنچى باش ئەلچىخانىسى —گۇاڭجۇ باش ئەلچىخانىسى گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى . ئىگىلىنىشچە ، گۇاڭجۇ باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەت دائىرىسى گۇاڭدۇڭ ، گۇاڭشى ، خەينەن ، فۇجيەن ، يۈننەن ، سىچۈەن ، خۇنەن يەتتە ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ كۈنكى ئەلچىخانا ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى چىراق يېقىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .